ئۇز بلوگدا ئۇسلۇب تەھرىرلەش ئۇسۇلى

ئۇزبلوگدا ئۇسلۇبنى ئۆزىمىز تەھرىرلىيەلەمدۇق؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ . قىستۇرما دېتاللانىڭ ئىچىدە MyCSS ئىسىملىك بىر قىستۇرما بار ، بۇ دېتالنى قوزغاتساق ئۇسلۇب بېتىدە ، CSS تەھرىرلەش قورالى پەيدا بولىدۇ ، بۇ قورال ئارقىلىق بلوگ ئۇسلۇبىنى خالىغانچە تەھرىرلەشكە بولىدۇ ،ئالدى بىلەن بلوگ بېتىمىزنى ئېچىپ 查看源代码 ئارقىلىق بەت كودىنى كۆرىمىز ، بەت كودى ئۈستى تەرىپىدە بلوگنىڭ css كودى يېزىلغان ھۆججەت ئادىرسى بار ، شۇ ھۆججەت ئادىرسىنى كۆچۈرىۋېلىپ ئاندىن تور كۆرگۈچنىڭ ئادىرىس ستونىغا چاپلاپ بۇ ئادىرىسنى ئاچساق بلوگنىڭ ئۇسلۇب ھۆججىتى چۈشىدۇ ، ئۇسلۇب ھۆججىتىدىكى كودنى پۈتۈنلەي كۆچۈرىۋېلىپ باياقى ئۇسلۇب تەھرىرلەش رامكىسىغا چاپلايمىز ، ئاندىن چاپلىغان CSS ھۆججىتىنى خالىغانچە تەھرىرلەپ ئاندىن ساقلاشنى باسساقلا ، بلوگىمىز بىز لاھىلىگەن ئۇسلۇب بويىچە كۆرۈنىدۇ.ئاددى بىر مىسال ئارقىلىق ئۇسلۇب تەھرىرلەشنى چۈشەندۈرىمىز :ئۇسلۇب تەھرىرلەشتە uzblog.cn/help مۇشۇ بلوگ مىسالغا ئېلىندى.ئالدى بىلەن uzblog.cn/help نى ئاچىمىز ، ئاندىن مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ 查看源代码 قىلىپ ئەسلى كودىنى چىقىرىمىز ، قارايدىغان بولساق ، ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ بىر ئۇلانمىسى بار ، يەنى :
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
http://uzblog.cn/help/wp-content/themes/default/style.cssئادەتتە ھەر بىر ئۇسلۇبنىڭ بىردىن style.css ئۇسلۇب ھۆججىتى بولىدۇ ، بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرىۋېلىڭ ئاندىن ئېچىپ قاراپ باقايلى ، ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ ئىچىدە
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
#header {height: 300px;margin-bottom: 35px;background: url(images/masthead.jpg);text-align: center;}مۇنداق بىر بۆلەك كود بار ، بۇ كود دەل بلوگنىڭ باش قىسمىدىكى رەسىمنىڭ ھالەت كودى ، images/masthead.jpg رەسىمنىڭ ئادىرسى.بىز مۇشۇ رەسىم ئادىرسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بلوگ باش قىسمىدىكى رەسىمنى ئۆزىمىز خالىغان رەسىمگە ئالماشتۇرالايمىز .بىز ئالماشتۇرماقچى بولغان رەسىمنىڭ ئادىرسى :
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
http://uzblog.cn/uzblog.gifبولسا ، يۇقىردىكى images/masthead.jpg نىڭ ئورنىغا
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
http://uzblog.cn/uzblog.gifنىڭ ئالماشتۇرساقلا بولىدۇ ، دېققەت قىلىدىغان ئىش يېڭى رەسىمنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئەسلى رەسىم بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك .ئۇسلۇب تەھرىرلەش رامكىسىغا
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
#header {height: 300px;margin-bottom: 35px;background: url(http://uzblog.cn/uzblog.gif );text-align: center;}مۇشۇنداق بىر كودنى يېزىپ ، ئۇسلۇب يېڭىلاش دىگەن يەرنى بېسىپ قويساق ، بىز تەھرىرلىگەن ئۇسلۇب كۈچكە ئىگە بولىدۇ ، بلوگنىڭ باش قىسمىدىكى رەسىممۇ ئۆزگىرىدۇ.ئۇزبلوگ مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدىكى يازمىلارنى http://uzblog.cn/help دىن كۆرۈڭ .بلوگ ئىلتىماس قىلسىڭىز : http://www.uzblog.cn نى زىيارەت قىلىڭ.

0 comments:

لەبىز