كۆك چىش Bluetooth نى چۈشۈنىۋىلىڭ

سىز تۇرمۇشىڭىزدا نۇرغۇن ئەھۋاللاردا كۆك چىش [bluetooth services] لەنيا دەپ جىق ئاڭلاپ كەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن . ئۇنداقتا بۇ لەنيا (كۆك چىش ) زادى قانداق نەرسە

[bluetooth services]خەنزۇچە [蓝牙] ئۇيغۇرچە كۆك چىش دەپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ .
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇچۇريوللاش تېخنىكىللىرىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە ، شۇنىڭدەك سىمسىز ئۇچۇريوللاش تېىخنىكىسىمۇ ئۈزلۈكسىز تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلماقتا . ھازىر لاھىيەلىگۈچىلەر يەنىمۇ ئېلگىرلىگەن ئاساستا قولايلىق ھەم سۈرئىتى تېز بولغان سىمسىز ئۇچۇر يوللاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلماقتا .
كۆك چىش بولسا يانفۇن ۋە شۇنداقلا پۈتۈن IT ساھاسىدىكىلەر ئۈچۈن بىر ئادەتتىكى تېخنىكا بولۇپ قالدى .

كۆك چىشنىڭ كىلىش مەنبەسى
كۆك چىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققۇچى شىۋىتسارىيەنىڭ ئەلىشىن شىركىتى (瑞典爱立信) ئەلىشىن شىركىتى 1994 - يىلىلا تەتقىقاتقا كىرىشكەن بولۇپ 1997 - يىلى ئەلىشىن شىركىتى باشقا زاۋۇتلار ۋە IT ساھاسىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆك چىش تېخنىكىسىغا ئىنتايىن قىززىقتۇرۋەتتى .
1998 2 - ئايدا ئەلىشىن (瑞典爱立信) ، نوكىيا (Nokias)،ئايبىئەم (IBM)، توشىبا (TOSHIBA)، ئىنتېل (Intel) قاتارلىقلار بىرلىشىپ SIG گورۇپپىسىنى قۇرغان . ئۇلارنىڭ مەخسىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە كىچىك دائىرلىك سىمسىز ئالاقە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش يەنى ھازىر كۆك چىش تېخنىكىسى .
كۆك چىشنىڭ ئىسمىنىڭ كىلىش مەنبەسى دىنمارىكنىڭ پادىشاھى Harald Blatand ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى Harold [bluetooth services] بۇ پادىشاھ كۆ رەڭلىك بىر نەرسىلەرنى يىيىشكە بەك ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتالغان .مۇشۇ تېخنىكا تۈرىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدا ئەسلىدە بار بولغان كۈنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئىسىم بەلگىلىمەكچى بولغان . تۈرگە قاتناشقۇچىلار بىر كىچە ياۋرۇپانىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىدىكى سىمسىز تېخنىكىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئىلىپ بارغان ، بەزىلەر Blatand پادىشاھنىڭ ئىسمى بىلەن نام بەرمەكچى بولغان . ئاخىرىدا كۆپ چىلىك قارار چىقىرىپ [bluetooth services] دىگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان .

Bluetooth SIG توغرىسىدا
Bluetooth SIG نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كۆك چىش تېخنىكىسى ئۇيۇشمىسى نى كۆرسىتىدۇ . تىلگىراف ، كومپىيۇتېر ، ماشىنا ئىشلەش ، سانائەتنى ئاپتۇماتىكلاشتۇرۇش ، تور مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گورۇپپا . بۇ كىچىك گورۇپپا كۆك چىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تۈرۈتكە بولغان . قىسقا دائىردىكى سىمسىز كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەرزان بولغان سىمسىز ئۆلچەم ياسىغان ۋە بازارغا سالغان .
ھازىر [bluetooth services] SIG كۆك چىش تېخنىكىسى ئۇيۇشمىسى تەرەققىي قىلىپ Agere ، Ericsson،IBM،Intel,Microsoft,Motorola,Nokia,Toshiba قاتارلىق ساناقسىز شىركەتلەر كىلىشىم ئىمزالاپ Associate and Adopter گە ئەزا بولۇپ شىركەت ھاسىل قىلغان .

[bluetooth services] كۆك چىش تېخنىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى
نىمىشقا كۆك چىش سىمسىز تېخنىكىسىنى تاللايمىز ؟
كۆك چىش سىمسىز تېخنىكىسى ئىككى ئۈسكۈنە ئارىسىدا قىسقا دائىردىكى خەۋەرلىشىتە ئىشلىتىش بەك ئاسان ، ئۇ يانفۇن بىلەن سىمسىز ئۇلىنالايدۇ ، ۋە شۇنداقلار كومپىيۇتېر ، ئاپتوموبىل ، MP3 ، سىترولۇق ئاۋازدىكى قۇلاقلىق قاتارلىق ھەرخىل ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇلىنالايدۇ . ئۇنىڭغا ھىچقانداق قوزغىتىش ئۈسكۈنىسى كەتمەيدۇ ، بۇ تېخنىكىنىڭ ھازىر 4 - نۇسقا قائىدىسى چىقتى ھەمدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ . كۆك چىش تېخنىكىسى ھازىر بازاردىكى قىسقا دائىرلىك سىمسىز ئالاقىلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ئالدى .
كۆك چىش تېخنىكىسى قائىدىسىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقاندق شىركەت ھىچقانداق ھەق تۆلىمەي ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ .
كۆك چىش تېخنىكىسىنىڭ ھازىرقى نەشىرى V1.1/1.2/2.0/2.1 قاتارلىق تۆت نەشىرى بار .
نەشىرنىڭ ئوخشىماسلىقدىكى ئالاھىدىلىك 748~810kb/s يوللاش قائىدىسگە قاراپ ئوخشاشمايدۇ

0 comments:

لەبىز