Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى ھەققىدە

بۇيىل بايلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان «فوربىس» ژورنىلىدا، ئەڭ ياش باي يەنى 23 ياشلىق باي FaceBook نىڭ قۇرغۇچىسى مارك نىڭ 1.5 مىلىيارد دوللارلىق مال- مۈلىكى بار دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە ئەڭ ياش بويتاق باي ھېساپلىنىپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ياش يەككە ئېگىلىك تىكلىگۈچى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.
مارك نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ بىر شەھەر ئەتىراپى رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتىسى چىش دوختۇرى، ئاپىسى بولسا پىسخىك دوختۇرى ئىكەن، ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا كومپىيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىپ، پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگەنگەن.
ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن ماركمۇ خۇددى مايكىرو سوفىت شىركىتىنىڭ لېدىرى بىل. گەيتىس قا ئوخشاشلا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئۇقۇشتىن چېكىنگەن ئوغۇقۇچىسى ئىكەن، ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا، مەكتەپنىڭ ساندانىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار سۈرىتىنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ھەمدە سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سۈرەتتىكىلەرنىڭ ھۆسنى جامالىنى باھالىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. بۇ خەككىرلىك ئىشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئۇ ئىككى ياتاقدىشى بىلەن بىرلىكتە بىر ھەپتە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ بىر تور بەت پروگراممىسىنى يېزىپ چىققان، ھەمدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان مەكتەپداشلىرى ئۈچۈن ئۆز- ئارا تونۇشۇش، سىردىشىش مۇھىتىنى ھازىرلاپ بەرگەن، ھەمدە ئىسمىنى FaceBook يەنى چىراي تىزىملىگى دەپ ئىسىم قويغان. FaceBook 2004- يىلى 2- ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، پۈتكۈل خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدا مودا بولۇپ كەتكەن، لېكىن پەقەت ئۇنىۋېرسىتىت ئېلخەت ئادرىسىغا ئېگە بولغان ئوقۇغۇچىلارلا تىزىملىتالايدىغان، باشقىلار تىزىملىتالمايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. 2004- يىلى يىل ئاخىرىغىچە FaceBook قا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى بىر مېلىيوندىن ئېشىپ كەتكەن، مارك بولسا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدىن چېكىنىپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن تور بېكەت ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكەن. 2006- يىلىدىن باشلاپ ئاندىن سىرتقا نىسبەتەن ئېچىۋەتكەن بولۇپ، 9 مىلىيوندىن ئارتۇق ئەزاسى ھازىر 60 مىلىيوندىن ئاشقان.

ھازىر FaceBook ئامېرىكىدا ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دوستلىشىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى تور بېكىتى، ئۇنىڭ يەنە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نۇسخىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ياشلار نۇسخىسىمۇ ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخىسلەرنىڭمۇ باش بېتى بار.

گەرچە مارك ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ياش مىلياردىرغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئاددىي ساددا، ئۇ ھازىرغىچە ئېجارىگە ئالغان بىر ئېغىز ياتاق ئۆي ۋە بىر ئېغىز مىھمانخانىسى بار كىچىك ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ھەر كۈنى ئۇ پىيادە ياكى ۋېلسىپىتكە مىنىپ ئىشقا بارىدۇ، بىر قېتىم مايكىروسوفىت شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆرۈشمىگەن، سەۋەپ: مايكىرو سوفىت شىركىتى ئەتىگەن سائەت 8 دە كۆرۈشۈشنى بېكىتكەن، لېكىن مارك ئەتىگەندە بۇنداق بالدۇر ئورنىدىن تۇرالمايدىكەن.


ئاشۇ قېتىملىق كىچىككىنە بىر خەككىرلىق ئۇنىڭ مىلياردىر بولىشى ئۈچۈن مۇھىم شارائىتلارنى تەمىن ئەتكەن


0 comments:

لەبىز