Google نىڭ ئىلغار تەپەككۇرى مايكىرسوفتنىڭ دۇنياۋى خوجايىنلىق ئورنىغا خىرىس قىلماقتا


چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاخباراتىغا قارىغاندا ، Google ھەر قېتىم يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلغاندا مايكىرسوفت خۇددى ھەيۋەتلىك جەڭ دۇمبىقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولىدىكەن .

Google ئۆزىنىڭ ئىنتىرنەتتىن ئىزدەش كەڭ بازىرى بىلەن ،ئىنتىرنەت ئېلان بازىرىنىڭ سەركەردىسىگە ئايلانغان . مايكىرسوفت بولسا Windows قا تايىنىپ كارخانا بازىرىنى ئىگەللىگەن . بۇ خىل ۋەزىيەتتە تىزلا ئۆزگىرىش بۇلىشى مۇمكىن .

مۇتەخەسسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، مۇلازىمەتلىشىشى ( software as a service ) ۋە بۇلۇت ھىساپلاش ( Cloud Computing ) ، ھەقسىز ئىلخەت ۋە چەكسە پۇل ھىساپلاشلاردەك جەلىپ قىلارلىق بولمىسىمۇ لىكىن ئۇ كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىش ئىكەن .

Google ھەپتىنىڭ تۆتى يېڭىدىن لاھىيلىگەن Web Security for Enterprise نى ئېلان قىلدى . بۇ Web ئاساسىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان مەھسۇلات ، كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ تورغا چىققاندا ۋە ئىلخەت ئەۋەتكەن ھەمدە تاپشۇرۇپ ئالغاندا ۋىروس ، جاسۇس ھۆججەتلەر ۋە يامان غەرەزلىك تور بېكەتلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىقىگە يۇلۇقۇشتىن قوغدايدۇ .

ئەنئەنىۋى ئۇستەل يۈزىدىكى يۇمشاق دىتال ، ئىلخەت ، يىزىق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار بۇلۇت ھىساپلاش(Cloud Computing ) ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلسا ، كارخانىلارنىڭ قاتتىق دىتال سېتىۋېلىشى ، يۇمشاق دىتال قاچىلىشى ھەمدە خىزمەتچى ياللاپ سېستىمىنى قوغدىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ . چىقىم زور دەرىجىدە تېجىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن Google كارخانىلارنىڭ يۈكىنى زور يىنىكلىتىپ بەردى.

بۇنىڭلىق بىلەن مايكىرسوفت شىركىتىمۇ Web ۋە ئىنتىرنەتنىڭ كەلگۈسىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسى بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ، يۈرۈشلۈك يۇمشاق دىتاللارنى سېتىشقا تايىنىشنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى ھەمدە FrontBridge نى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ Microsoft Exchange Hosted Services نى ياساپ چىقتى


0 comments:

لەبىز