يۇمشاق دېتاللارنىڭ سىناق ئىشلىتىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش

يۇمشاق دېتاللارنىڭ سىناق ئىشلىتىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش!

ھازىر نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار، ھەتتا بەزى كىچىك قوراللارمۇ ئىشلىتىش داۋامىدا پەقەت مەلۇم مەزگىللىك، مەسىلەن 30 كۈن ياكى 60 كۈنلۈك سىناق ۋاقتى بېرىدۇ، بۇ ۋاقىت توشقاندىن كېيىن بىز داۋاملىق بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتەلمەيمىز، بەزىدە جىددى زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، بۇ ئەھۋال كىشىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، ئىشىنىمىزكى، بۈگۈن تەدبىركار بلوگى تونۇشتۇرماقچى بولغان ئىككى قورال بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چوقۇم ئەسقاتىدۇ.
بۇ ئىككى قورالنىڭ نامى ئايرىم ئايرىم ھالدا Anti-Timer ۋە RunAsDate دۇر. گەرچە بۇ قوراللار بىر قەدەر كونا بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىنى تېخى يوقاتقىنى يوق، ئىككى قورالنىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش، قايسىسىنى ئىشلىتىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. ئەمىسە Anti-Timer دىن باشلاپ كېتەيلى.
Anti-Timer نى قوزغاتقاندىن كېيىن، پەقەت ئۆزگەرتمەكچى بولغان ۋاقىتنى تەڭشەپ، ئاندىن ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى بولغان پروگراممىنى چېكىپ قويساقلا بولىدۇ، بۇ پروگرامما بىر قىسىم ۋاقىت چەكلمىسى بار قوراللارنىڭ ۋاقىت چەكلەش ئىقتىدارى بىلەن قىلچە كارى يوق. سىز نېمە دېسىڭىز يۇۋاشلىق بىلەن بۇيرۇقىڭىزنى بىجا كەلتۈرىدۇ.

Anti-Timer نىڭ ئاساسلىق كۆرۈنمە يۈزى


يەنە بىر قورال بولسا RunAsDate. بۇ قورال Anti-Timer غا قارىغاندا سىغىمى تېخىمۇ كىچىك، ئارانلا 20KB كېلىدۇ. ئىككىسىنىڭ خىزمەت پرىنسىپى ئەمىلىيەتتە ئوخشاش.

ئەلۋەتتە بۇ ئىككى قورال ھەممىگە قادىر ئەمەس، بىر قىسىم پروگراممىلار سېستىما ۋاقتىنى ئوقۇشتىن باشقا ئۇسۇللار بىلەن سىناق ۋاقتىنى كونترول قىلىدۇ. ناۋادا بۇ ئىككى قورال ھاجىتىڭىزدىن چىقالماي قالسا، باشقا ئامال ئىزدەپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆججەت نامى : RunAsDate v1.01 خەنزۇچە نەشىرى
ھۆججەت فورماتى: RAR
ھۆججەت سىغىمى: 20KB
پرىستىن يېشىش پارولى: www.tedbirkar.com
ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن تور بېكىتى: http://www.nirsoft.net/utils/run_as_date.html

سەمىمىي ئەسكەرتىش:
يۇقارقى ھۆججەت Kaspersky نىڭ 2009 نەشىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋىرۇس ئامبىرىدا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خاتىرجەم چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئاۋارىچىلىق كۆرمەي چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. يۇقارقى ھۆججەتنىڭ كېلىش مەنبەسى تور دۇنياسى بولۇپ، تەدبىركار تور بېكىتى بۇ قورالنى ئىشلىتىش داۋامىدا كېلىپ چىققان ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ، ناۋادا سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلارنى بايقىسىڭىز، بىزگە مەلۇم قىلىپ قويۇڭ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىمىز!
Anti-Timer نىڭ قۇرۇلمىسى بىرئاز ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، NOD32 ۋە Kaspersky قاتارلىق قوراللار ۋىرۇس بار دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ تۇرىۋالىدىكەن، شۇڭا چۈشۈرگەندە دىققەت قىلىڭ. ناۋادا بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئەنسىرىڭىز، تەدبىركار تور بېكىتى ئەڭ ياخشىسى چۈشۈرمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ!
Anti-Timer نى چۈشۈرۈش مەنزىلى
RunAsDate نى چۈشۈرۈش:
RayFile دىن چۈشۈرۈش SkyDrive دىن چۈشۈرۈش NamiPan دىن چۈشۈرۈش
<<

0 comments:

لەبىز