قاتتىق دىسكا بۇزىدىغان يۇمشاق دېتاللار

قاتتىق دىسكا كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى، قاتتىق دىسكىنى ئاسراش جەھەتتىك ئادەتتىكى بىلىملەرنى ھەممە كومپيۇتېرچى دىگۈدەك بىلىدۇ. مەسىلەن: قاتتىق دىسكا ئىشلەۋاتقاندا سىلكىنىشتىن ساقلاش، كومپىيۇتېر قوزغىلىقلىق شارائېتتا قاتتىق دىسكا توك مەنبەسىنى بېۋاستە ئۈزىۋەتمەسلىك ياكى چاتماسلىق .... ۋاھاكازالار. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى نىسبەتەن ۋاقتى ئۆتكەن ئاسراش بىلىملىرى ھېساپلىنىدۇ.

Internet تورى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، Internet تىكى مەنبەرلەرنىڭ كۆپ بولۇشى، چوڭ سىغىمدىكى قاتتىق دىسكىلارنىڭ باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى قاتارلىق ئامىللار كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەرنى غىدىقلاپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىسكىلىرىنىڭ چوڭ ھەم ئىچىدىكى يۈك ئېغىر ۋازىيەتنى شەكىللەندۈردى. ھازىر كۆپىنچە كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىسىڭىز كومپىيۇتېرىدا چوڭ سىغىمدىكى فىلىملەر، ئويۇنلار قاچىلانغان، توردىن ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى DVDRip فىلمىلەرنى چۈشۈرۈپ كۆرىدۇ، توختىماي BT ۋە Emule يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېچىپ قويۇپ، كومپىيۇتېرنىڭ ئىچى تېشىنى ھۆججەت بىلەن تولدۇرىۋېتىدۇ. لېكىن كۆپىنچە ئىشلەتكۈچىلەر مۇشۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىش جەريانىدا، بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۆزىنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى چۈشەنمەيدۇ.elqutئەلقۇت مەرىپەت مۇنبىرى2 a3 B" j) T" a- d5 S& O' V6 f
3 L3 e& y, {$ D
تۆۋەندە قاتتىق دىسكىغا زىيىنى نىسبەتەن ئېغىر بولغان 5 خىل كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.elqutئەلقۇت مەرىپەت مۇنبىرى6 D: g8 _$ Y6 j7 d: I- t
www.elqut.cn. ^' p) @) Q' r0 x( h
1. خاتا كودلانغان DVDRip
' x8 q; Q8 T- V) @2 K9 x
ھازىر توردا DVD كود ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئالماشتۇرۇپ پىرىسلانغان فىلىملەر كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل فىلىملەرنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى DVD بىلەن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، سىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ھوزۇرى ناھايىتى پەيزى، ھەمدە بۇ خىل فىلىملەرنىڭ سىغىمىمۇ DVD فىلىملەردىن كىچىك (يەنى ئادەتتە 700MB~1.3G ئەتىراپىدا بولىدۇ) بولغاچقا، نۇرغۇن كىنو- فىلىم ھەۋەسكارلىرى مۇشۇ خىلدىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈپ كۆرۈشكە خۇشتار. لېكىن، بۇ خىلدىكى فىلىمنى قويۇشتا كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسىنىڭ خېلىلا يۇقۇرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. فىلىمنى نورمال كۆرۈش ئۈچۈن CPU ۋە كۆرسىتىش كارتىسىغا بېسىم چۈشۈپلا قالماستىن، يەنە قاتتىق دىسكىغا چۈشىدىغان بېسىممۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. يەنە DVDRip فىلىملەرنى كۆرگەندە ئۈزلۈكسىز كود يېشىش بىلەن بىرگە پىرىستىن يېشىپ كۆرسىتىش سىستېمىسىغا يوللاپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ جەرياندا قاتتىق دىسكىنىڭ خىزمەت مىقدارى نورمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.elqutئەلقۇت مەرىپەت مۇنبىرى7 y x8 o0 G% ]; D* `6 r* b
www.elqut.cn3 o; P! u( E! l) p, J K' q
ئەگەر DVDRip نىڭ خاتا كودلىنىش ياكى كودى بۇزۇلۇپ كېتىش (پىرىسلاش ۋە كود ئالماشتۇرۇش جەريانىدا) ئەھۋالى كۆرۈلسە، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا قاتتىق دىسكا سىغىمىنى ئېگەللەش ئەھۋالى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. سىستېما ئۈلۈكسىز ھالدا كودى ۋە پىرىستىن يېشىلگەن فىلىمنى كۆرسىتىش سىستېمىسىغا يوللاپ بېرىدۇ، لېكىن يوللانغان يېشىلگەن كود بۇزۇلغان بولغانلىقتىن، كۆرسىتىش سېگىنالىغا ماس كەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىسكا ئەڭ يۇقىرى خىزمەت ھالىتىگە ئۆتۈپ ئامال بار كودنى توغرا يوللاشقا تېرىشىدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن خاتا كودنى يېشىشكە كىرىشىپ كېتىپ، كۆپ ھاللاردا كومپىيۇتېر قېتىۋىلىش، ئۆلۈك دەۋرېلىنىدىغان (死机) ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشلەتكۈچى ئامالسىز ھالدا ئاساسىي ئاپاراتنىڭ Reset كونۇپكىسىنى بېسىش ياكى توك مەنبەسىدىن ئاجرىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. قاتتىق دىسكا ئوقۇش بېشى نورمال ھالىتىگە قايىتمىغان ئەھۋالدا بىۋاستە توك مەنبەسىدىن ئۈزۈپ تاشلاش، قاتتىق دىسكىنى ئۆلتۈرۈشتىكى بىرىنچى قەدەم ھېساپلىنىدۇ.

2. BitTorrent چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتالى

BitTorrent دا يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش Internet تورىدا كۆپ قوللىنىلىۋاتقان P2P ئۇسۇلى بويىچە ھۆججەت يەتكۈزۈش ئۇسۇلىدۇر. بۇنىڭدا ھەرقايسى چۈشۈرگۈچىلەر ئارىسىدا ھۆججەت ئالماشتۇرۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى چۈشۈرگۈچى قارشى باشقا چۈشۈرۈگۈچىلەرگە BT ئۇرۇقى ۋە ئۇلاپ تارقىتىش پونكىتى بولالايدۇ. BitTorrent يۇمشاق دېتالى چۈشۈرۈش ۋە يوللاشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارغانلىقتىن، ئۇ چۈشكەن ئۇچۇرلارنى بېۋاستە قاتتىق دېتالغا يېزىۋېتىدۇ، 迅雷 ۋە FlashGet يۇمشاق دېتالىدەك، ئاۋۋال چۈشۈرگەن ئۇچۇرلارنى توقۇنۇشتۇرۇش رايونىدا (缓存) ساقلاپ، ئاندىن بەلگىلىك مىقدارغا يەتكەندە قاتتىق دىسكىغا يېزىش ئېلىپ بارمايدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن قاتتىق دىسكىنى ئىگللەش نىسبىتى FTP چۈشۈرگۈچلەردىن يۇقۇرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە BitTorrent يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن، ئۇ يۇمشاق دېتال سىغىمى بىلەن تەڭ چوڭلۇقتىكى بوشلۇقنى ئاۋۋال ئېگللىۋالىدۇ. بەزى ئىشلەتكۈچىلەر ۋاقىتتىن ئۇتۇش ۋە تور سۈرىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەخسىدىدە، بىرنەچچىلىگەن چۈشۈرۈش ۋەزىپىسى بىراقلا BitTorrent قا يۈكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن نىسبەتەن چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەندە، قاتتىق دىسكىدىن ئېگللەيدىغان سىغىمنىڭ چوڭ بولۇپ كېتىشى تۈپەيلىدىن قاتتىق دىسكىغا چۈشىدىغان بېسىم چوڭىيىپ كېتىدۇ ۋە ئاسانلا كومپىيۇتېر قېتىپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ./ n y7 L6 ~; {/ {, E9 |9 M! c
5 c' j& k$ h$ Y4 M
شۇڭلاشقا، قاتتىق دېتال سەپلىمىڭىز ئانچە يۇقۇرى بولمىغان (بولۇپمۇ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا) ئامال بار BitTorrent يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتمەڭ، يۇقۇرى سىغىمدىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈشتە ئامال بار FTP يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىڭ.+ N6 t2 G0 h6 M. Q2 w- q
1 _# @1 G/ W' w
3. PQMagic يۇمشاق دېتالى
* }2 F o) }* ^% f; s
PQMagic يۇمشاق دېتالى نامى مەشھۇر ھەممىگە تونۇشلۇق دىسكا بۆلۈش يۇمشاق دېتالى. ئۇ قاتتىق دىسكىدىكى ئۇچۇرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان ئاساستا قاتتىق دىسكا سىغىمىنى خالىغانچە بۆلۈش ۋە فورماتىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بىلەن داڭ چىقارغان. لېكىن، PQMagic يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەپچىقارغان ۋاقىتتا قاتتىق دىسكا سىغىمىدا ئانچە چوڭ بۆسۈش بولمىغان، كىچىك سىغىمدىكى قاتتىق دىسكىلار كۆپ ئىشلىتىلگەن ۋاقىت بولغاچقا، بۇ يۇمشاق دېتال كېيىن چىققان يۇقىرى سىغىمدىكى قاتتىق دىسكىلارنى رايونغا بۆلۈش ۋە دىسكا فورماتىنى ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا، ۋاقىتنى كۆپرەك تەلەپ قىلىدۇ ۋە بەزى بىر نورمالسىزلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.
سىغىم ئامىلىدىن باشقا يەنە، PQMagic يۇمشاق دېتالى دىسكا سىغىمىغا نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارغاندا، كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلغاچقا، قاتتىق دىسكا سىغىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقتىن ساقلانمىغى تەس. دىسكا فورماتىنى ئالماشتۇرۇش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغانلىقتىن، كۆپىنچە ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىغا چۈشىدىغان بىسىم كۆپىيىپ كېتىپ، كومپىيۇتېر قېتىپ قېلىش ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيلىدىن قاتتىق دىسكىدىكى ئۇچۇرلار يوقاپ كېتىش ياكى سېكتور رايونلىرى بۇزۇلۇپ كېتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بەزىدە بۆلۈنگەن دىسكا رايونلىرىنىڭ سىغىمى نورمال بولماسلىق، ئۇچۇر يېزىپ ئوقۇغىلى بولماسلىق، ئېغىر بولغاندا پۈتكۈل قاتتىق دىسكا بۇزۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.( C" h# T& l' P% v- q
ئادەتتە PQMagic يۇمشاق دېتالى 10G دىن تۆۋەن سىغىمدىكى قاتتىق دىسكىلارغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا بەكلا باپ كېلىدۇ.

4. قاتتىق دىسكا قوغداش يۇمشاق دېتاللىرى

قاتتىق دىسكىنى قوغداش يۇمشاق دېتاللىرىمۇ ئاسانلا قاتتىق دىسكىنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەيتىنى (还原精灵) دىگەندەك يۇمشاق دېتاللار. نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق دىسكىنى قوغداش يۇمشاق دېتاللىرىنى قاتتىق دىسكىمىزنى بۇزۇلۇش ۋە باشقا ئامىللاردىن قوغدايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە قاتتىق دىسكىنى قوغداش يۇمشاق دېتالى قاتتىق دىسكىنى ئەمەس، قاتتىق دىسكا ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى قوغدايدۇ.
/ v. T3 t' T7 _5 a) L7 `, p% j- P
قاتتىق دىسكا قوغداش يۇمشاق دېتالىنى كومپىيۇتېرىمىزغا قاچىلىغاندىن كىيىن، ئۇ قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر يېزىشنى باشقۇرۇش ھوقوقىنى ئۆز قولىغا ئۆتكۈزىۋالىدۇ ھەمدە قاتتىق دىسكىدىكى ئۇچۇرلارنى مەلۇم دىسكا بوشلۇقىغا زاپاسلاپ قويۇپ، ئابونت تەڭشەلمىسىگە ئاساسەن ئەسلىگە قايتۇرىدۇ (ھەر قېتىم قوزغالغاندا ياكى بىر نەچچە كۈندە بىر قېتىم، بۇنى ئابونت ئۆزى تەڭشەيدۇ). بۇ جەرياندا كۆپلىگەن قېتىم قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن ئوقۇش يېزىش، قايتا يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە قاتتىق دىسكىنىڭ خىزمەت مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق دىسكا قوغداش يۇمشاق دېتاللىرى قاچىلانغاندىن كىيىن، كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر قاتتىق دىسكىدىن بۇ ئۆچۈرۈپ تاشلىماستىنلا كومپىيۇتېر قايتا يۇمشاق دېتال قاچىلاش، ھەتتا مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىسكا قوغداش يۇمشاق دېتالى ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئەسلىدىكى ئۇچۇرلارنى ساقلاپ قېلىپ يېڭى يېزىلغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىدىن دىسكا قوغداش يۇمشاق دېتالىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىيالماي ياكى قايتا قاچىلىيالماي، قاتتىق دىسكىنى دىسكا بۆلۈش يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن قايتا بۆلۈش، Fdisk ۋە MBR تۈزەش يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن تۈزەش، ھەتتا ئېغىر بولغاندا تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىسكىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.- t: E! X4 _: C+ Z9 o

5. Windows دىسكا بوشلۇقىنى رەتلەش پروگراممىسى (磁盘粹片整理), G% m. X K. l2 ]4 V! D( K6 A7 u3 `
www.elqut.cn" ]; `3 o% s2 T6 H
قاتتىق دىسكا بوشلۇقىنى رەتلەش پروگراممىسى ۋە قاتتىق دىسكا ئۇچۇرىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش قاتارلىق پروگراممىلار Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتاللار. بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى، لېكىن سىزنىڭ بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش قېتىم سانىڭىز كۆپ بولۇپ كەتسە، قاتتىق دىسكىغا زىيىنى بولسا بولىدۇكى ھەرگىزمۇ پايدىسى يوق.
قاتتىق دىسكا بوشلۇقىنى رەتلەش پروگراممىسى قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، قايسى ئۇچۇرلارنى يۆتكەشكە بولىدۇ، قايسى ئۇچۇرلارنى يۆتكەشكە بولمايدۇ دىگەننى ئايرىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارغا نىسبەتەن تۈرگە ئايرىش ئېلىپ بارىدۇ. قاتتىق دىسكا ئۇچۇرلىرىنى رەت- رېتى بويىچە رەتلەش جەريانىدا، بىر ئورۇندىكى ئۇچۇرلارنىڭ يەنە بىر ئورۇنغا ئۆزى رېتى بويىچە تىزىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى يۆتكىلىدىغان ئورۇنغا رەسمىي ھالدا يۆتكەيدۇ. بۇ جەرياندا قاتتىق دىسكا ۋە CPU نى ئىگىلەش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقۇرى بولىدۇ، قاتتىق دىسكىغا توختىماستىن ئوقۇش يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، قاتتىق دىسكا يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. ھازىر قاتتىق دىسكا سىغىمىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر قاتتىق دىسكىغا چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەت ۋە كىنو- فىلىملەرنى ساقلايدۇ، چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەتلەرنىڭ قاتتىق دىسكىدىكى ئورنى بىر يەردىلا بولىدۇ، ئۇنى قايتىدىن رەتلەش ھاجەتسىز

0 comments:

لەبىز