دىگەن نىمە؟
UNICODE دىگىنىمىز united code دىگەننىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنىسى بىرلىككە كەلگەن كود دىگەنلىكتور. ھەممىمىزگە ئايان، كومپىيوتېردا ئىشلەتكەن ھەرقانداق نەرسە، جۈملىدىن سان، ھەرپ ۋە ھەرخىل بەلگۈلەر كومپىيوتېر ئىچكى قىسمىغا بارغاندا سان سېفىر بىلەن ئىپادىلىنىلىدۇ. UNICODE ئىجات قىلىنىشتىن بۇرۇن، كومپىيوتېردا پەقەت 0~255 گىچە بولغان ئارلىقتا ھەرىپ ۋە سانلارغا نۇمۇر بېرىپ ئۇنى كومپىيوتىردا ھىساپلاش ئېلىپ بېرىشتىكى "كىملىك" قىلغان. مەسىلەن: dos مەشغۇلات سېستىمىسىدا مۇشۇ تېخنىكا قوللۇنىلغان. بۇنداق ئۇسۇل ئېنگىلىزچە مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ ئىھتىياجىدىن چىققان بولسىمۇ، فىرانسوزچە ، گىرمانچە، ئەرەپچە dos مەشغۇلات سېتىمىسىنى ياسىغاندا قۇلايسىزلىق كىلىپ چىققان. چۈنكى ھەرقانداق مەشغۇلات سېتىمىسدا ئېنگىلىزچە ھەرىپ بولمىسا بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېنگىلىزچە ھەرپ ۋە سانلار 127 دانە نۇمورنى ئىشلىتىپ بولغان. باشقا تىللار ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە چۇقۇم 128 دىن 255 گىچە بولغان نۇمۇرنىلا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن. مانا بۇ بىز بىلىدىغان ASCII.- p. ^( A) x: r/ G8 R/ Z$ p
دىمەك ASCII دا پەقەت 256 دانە ھەرىپ ياكى سانغا نۇمۇر بەرگىلى بولىدۇ. windows,unix,os2 مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، unicode ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەشغۇلات سېتىمىلىرىدا ئىشلىتىشكە باشلىغان. windows دا ئىشلىتىدىغان unicode ئىككى بايىتتىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ (ASCII بولسا بىر بايىتتىن تۈزۈلگەن يەنى 8 خانىلىق ئىككىلىك سانلار قاتارىدىكى سان)، ئىپادىيەلەيدىغان ھەرىپىنىڭ سانى 2 نىڭ 16دەرىجىسى دىگەنلىكتور. بۇنداق بولغاندا جەمئى ئىپادىيەلەيدىغان ھەرىپ سانى 65536 دانە بۇلۇپ دۇنىيادىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ يېزىقىدا ئىشلىتىدىغان ھەرىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتىدۇ. unix مەشغۇلات سېتىمىلىرىدا بولسا unicode ئۆلچىمى 3 بايتتىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ئىپادىيەلەيدىغان ھەرىپ سانى تېىخمۇ كۆپ. unicode نىڭ تۆھپىىسى بولسا مەيلى ئىشلەتكىنىڭىز قانداق تىل، قانداق مەشغۇلات سېتىمىسى ۋە ياكى قانداق پىروگىرامما بولسۇن، ئۇلارغا بىردىن بىر قوللىنىدىغان "كىملىك"نۇمۇرى بەلگۈلىگەن. elqutئەلقۇت مەرى
UNICODEدىگەن نىمە؟
Posted by
My Sedirdin,contact(Tormahiri77@gmail.com)
Labels:
مەشغۇلات سېستىمىسى
0 comments: