Symbian مەشغۇلات سىستىمىسىنى چۈشۈنىۋىلىڭ

سىمبىيان مەشغۇلات سىستىمىسى ئادەتتە يانفۇن ۋە بەزى ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ئۈسكىنىلەرگە قاچىلىنىدىغان مەشغۇلات سىستىمىسى بۇلۇپ، ئۇ ھازىر 托罗拉、西门子、诺基亚 قاتارلىق داڭلىق يانفۇنلارنىڭ سىستىمىسى بۇلۇپ قالدى. 

Symbian نىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالى نوكيا شىركتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دىسەك خاتالاشمايمىز ئەلۋەتتە.

Symbian دەسلەپتە مەيدانغا كىلىپ يانفۇن ساھەسىدە ئىشىلتىلىشكە باشلىغاندا ئۇنى S40 دەپ ئاتاشقان.

S40 نى قانداق چۈشۈنىمىز؟

S40 1st Edition بولسا ئەڭ دەسلەپكى يانفۇن نۇسقىلىرى بولغاچقا سىمبىيان 4-نۇسقا 1-ئەۋلات دەپ ئاتالغان.

ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى Java MIDP 1.0、CLDC 1.0 نى قوللايدىغان بۇلۇپ جاۋا نى قوللاش ئىقتىدارى بىلەن نۇرغۇن يانفۇنلارنىڭ بازىرىنى ئاچقان.

ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى قوللايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچى 62KB ئىدى. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفئۇنلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەپلىمە ھالىتىگە ماس كىلەتتى. شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانغۇلار مەيدانغا كەلگەندە مۇشۇ بى رقاتار ئىقتدىدارلار يانفئۇنلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىگەن.

سىمبىيان مەشغۇلات سىستىمىسى ھەر بىر نەشىرى يانفئۇنلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە يانفۇنلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ، ئىكران چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن ياسىلىدىغان ياكى تۈزۈلىدىغان بولغاچقا زامان تەرەققىي قىلغانسىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن شىركەتلرىنىڭ مەبلەخ سېلىشى بىلەن يانفئۇن بازىرى زور تىپتىكى يېڭىلىنىش باسقۇچىغا ئىھتىياجلىق بولغاندا سىمبىيان يانفۇن شىركەتلىرى تەرپىدىن مەجبۇرى تەرەققى قىلىش، ئىقتىدارى يېڭىلىنىش، ئۈنۈمى ئالاھىدە بۇلۇش يۇلىغا مەجبۇر بولغان.. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر يىلدىكى يېڭى يانفئۇنلارنىڭ مەيدانغا كىلىشى سىمبىيان نىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بەلگىلەپ بەرگەن.

بىز باشتىن سۆزلەپ باقايلى. 

سىمبىيان 4-نۇسقا ( بۇنى قىسقارتىپ S40 دەپ ئاتايمىز)

بۇ نۇسقىدىكى مەشغۇلات سىستىمىسى S40 1st Edition نى ئەڭ دەسلەپ قوللانغان يانفئۇنلار 3125、3120、3205、3108、3105、3200、3100、3300、5100,6610、6610i、6810、6820、6225、6108、6585、6220、6800、6200、6100 7200、7210、7250i、7250بۇلۇپ ( نوكيا) ئىكران كەڭلىكى 128*128 بولغان يانۇنلارغا ماسلاشتۇرۇپ تۈزۈلگەن.

سىمبىيان 4.0نەشىرى 2-نۇسقىسى (S40 2nd Edition(第二版):S40第二版)

بۇ 2-ئەۋلات سىستىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى 65536 رەڭ ئۆلچىمىنى قوللايدىغان بۇلۇپ، يەنىلا 128×128 ئىكران ئۆلچىمىنى ئۆلچەم قىلغان.شۇنداقلا 128×160 كەڭلىكنىمۇ قوللايدىغان بۇلۇپ ئالدىنقى نەشىرىدىكى جاۋا قوللانچى پىروگىراممىسىنىڭ نەشىرى بىر دەرىجە يۇقىرى نۇسقىسى ئىشىلتىلگەن يەنى Java MIDP2.0、CLDC 1.1 بولغان. شۇنداقلا WAP ئىقتىدارى ناھايتى ياخشى تۈزۈلگەن بۇلۇپ يۇقارقى Java MIDP2.0、CLDC 1.1 نى يانفۇننىڭ ئۈزىدە WAP تورغا چىقىلا توردىلا بىۋاستە 2.0 نۇسقىسىغا دەرىجىسىنى يۇقىرلاتقىلى بۇلىدىغان بولغان.مۇزىكا ئاڭلاش ئىقىتىدارلىرى بىلەن يانفۇنلارنى مۇزىكا ئاڭلاش، قۇيۇش ئىقتىدارلىرى بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا رەڭلىك سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش، قوللاش جەھەتتە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.

لىكىن 4.0 نەشىرنىڭ 2-ئەۋلات نۇسقسىدا قوللاغان جاۋا نىڭ چەكلىمىسى ھەرقايسى يانفۇنلارنىڭ تىپىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان.

مەسىلەن: 

125KB:5140、6230、3220、7260、6020、8800、5140i
128KB:6103、6070
136KB:6822、6030、6060
166KB:6102、6101、7360
250KB:6170、7270
380KB:6235
390KB:6255
500KB:6230i、6155、3155、3152、6155i、3155i、6152、2855

دىمەك، قانچە يۇقىرى بولغاندا جاۋانى قوللاش ئىقىمى ۋە سۈرئىتى شۇنچە ياخشى بولغان.

ئەمەلىيەتتە نوكيا شىركىتى قوللانغان سىمبىيان 4.0 نەشىرنىڭ 2-ئەۋلات نۇسقىسى نوكيا 6230 ۋە 8800 غا ماس كەلتۈرۈپ تۈزۈلگەن ئىدى. بۇ دەۋىر دەل يانفۇن بازىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋە قىزىق ۋاقتى بۇلۇپ ، يېڭى بىر ئەۋلات يانفۇن مودا زامانىسى بولغان. كىشىلەر جاۋا ئۇيۇنچۇق پىروگىراممىلرىنى قاچىلىيالايدىغان يانفۇنلارنى بەسبەستە سېتىۋىلىشقان. ئەمەلىيەتتە 1-ئەۋلات ۋە 2-ئەۋلات ئوخشاشلا جاۋانى قوللايدۇ. ئەمما 2-ئەۋلاتتا جاۋانىڭ ئىجرا سۈرئىتى بىر قەدەر يۇقرى بۇلۇش بىلەن بىرگە 2-ئەۋلاتتا قۇشۇمچە كۆپ ۋاستە سىغىم كارتىسى ( دو مى تى كا) غا تاللاپ قاچىلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. دىمەك، 2-ئەۋلات نۇسقا دەل يانفئۇنلارنىڭ كۆپ ۋاستىلىك سىغىم كارتىسىنى قوللايدىغان ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن مەزگىل دىسەك بۇلىدۇ. بىراق ، شۇ ۋاقىتتا 32MB لىق سىغىم كارتىسى تېخى مەيدانغا كەلمىگەن بىراق مەيدانغا كىلش ئالدىدا تۇرۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئۇ زاماندا ھارزىرقىدەك ماڭا ئوخشاش 2 G لىق سىغىم كارتىسى سەپلىۋالىدىغان ئىش نەدە. بۇ شۇ ۋاقىتتا شۇنداق چۈش ئىدى.

http://upload.wikimedia.org/wikipedia/en/thumb/c/c8/Symbian_OS_logo.svg/686px-Symbian_OS_logo.svg.png


0 comments:

لەبىز