Windows تىكى boot.ini ھۆججىتىنى يىشىپ چۈشەندۈرۈش
WINDOWS تىكى boot.ini ھۆججىتىدىكى مەزمۇنلار ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.كود:
[boot loader]
timeout=30
default=multi(0)disk(0)rdisk(0)partition(2)\WINXP
[operating systems]
multi(X)disk(Y)rdisk(Z)partition(Q)\WINXP="Microsoft Windows XP Professional" /fastdetect
SCSI(X)disk(Y)rdisk(Z)partition(Q)\WIN98="Microsoft Windows 98" /fastdetect
[boot loader] بۆلىكى بولسا يىتەكچى (يولباشچى) قېتىش بۆلىكى بولۇپ بۇ بۆلەكتىكى timeout=30 بولسا سىستېما يېتەكچى تىزىملىكىنى قوزغاتقان چاغدىكى تېخى ھىچقانداق مەشغۇلات سىستېمىسىغا كىرمىگەن ۋاقىتتىكى «كۆڭۈلدىكىدەك تەڭشەلگەن» ۋاقت بولۇپ، بۇ 30 سىكۇنتنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز بىر كومپيۇتېرغا بىر قانچە سىستېمىنى تەڭلا قاچىلىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلالايسىز. بۇ ۋاقىتنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.
بىز بۇ ۋاقىتنى يەنە «سىستېما سەپلىمىسى قوللىنىشچان پروگراممىسى» دېگەن جايدىنمۇ تەڭشىيەلەيمىز. «باشلاش» تىزىملىكىدىن «ئىجرا قىلىش» نى ئېچىپ Msconfig بۇيرۇقنى كىرگۈزسەك «سىستېما سەپلىمىسى قوللىنىشچان پروگراممىسى» ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى Boot.ini نى تاللاپ ۋاقىتنى تەڭشەپ قويساق بولىدۇ.
بۇنىڭ ئاستىدىكى كود default=xxxx بولسا مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ قوزغىلىش مەنزىلىنى كورسىتىدۇ.
ئۇنداقتا «multi(0)disk(0)rdisk(0)partition(1)»زادى نېمە؟
بۇ ئەمەلىيەتتە ARC قائىدىسى بويىچە قويۇلغان ئىسىم بولۇپ بۇ x86 ياكى RISC كومپيۇتېرىدا ئۈسكىنىنى ئىپادىلەيدىغان ئاممىباب ئۇسۇلدۇر. ARC ئىسمى مەشغۇلات سىستېمىسى ھۆججىتىنى ساقلايدىغان رايوننى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
(X)disk(Y)rdisk(Z)partition(Q)؛
component (تەشكىل قىلغۇچى) قىسمىدا multi ۋە SCSI دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىناۋەتلىك قىممەت بار. ئۇقاتتىق دېتاللارنىڭ تەڭشىگۈچىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. multi بولسا SCSI بولمىغان قاتتىق دىسكىنى كۆرسىتىدۇ ياكى SCSI BIOS ئارقىلىق SCSI قاتتىق دىسكىسىنى زىيارەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
SCSI بولسا SCSI BIOS چەكلىگەن SCSI دىسكىسىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، (multi(X دىكى X نىڭ قىممىتى بولسا مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى سىستېما باش مۇندەرىجىسى تۇرۇشلۇق رايوندىكى دېسكا كونتىرولىنىڭ ئوخشاش بىر دىسكا كونتىرولىدىكى رەت نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. X نىڭ قىممىتى ئادەتتە 0 دىن باشلىنىدۇ.
(disk(Y بولسا SCSI دىسكىسىغا قارىتا ئىيتىلغان بولۇپ Y نىڭ قىممىتى ئادەتتە مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى سىستېما باش مۇندەرىجىسى تۇرۇشلۇق رايوندىكى دېسكا كونتىرولىنىڭ ئوخشاش بىر دىسكا كونتىرولىدىكى رەت نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. Y نىڭ قىممىتى ئادەتتە 0 دىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن multi غا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيىتقاندا Y نىڭ قىممىتىنىڭ ھىچقانداق رولى، ئەھمىيىتى يوق. يەنى مەڭگۈ 0 ھالەتتە تۇرىدۇ.
(rdisk(Z دىكى Z نىڭ قىممىتى multi دىسكىسىغا نىسبەتەن مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى سىستېما باش مۇندەرىجىسى تۇرۇشلۇق رايوندىكى دېسكا كونتىرولىنىڭ ئوخشاش بىر دىسكا كونتىرولىدىكى رەت نومۇرىنى ئىپادىلەيدۇ. Z نىڭ قىممىتى ئادەتتە 0 دىن باشلىنىدۇ. (Z نىڭ قىممىتىنىڭ) بۇنىڭ SCSI دىسكىسىغا نىسبەتەن ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق. مەڭگۈ 0 ھالەتتە تۇرىدۇ.
(partition(Q دىكى Q نىڭ قىممىتى بولسا مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى سىستېما باش مۇندەرىجىسى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ ئوخشاش بىر دېسكىدىكى «باش رايون» دىكى رەت نومۇرىنى بىلدۈرىدۇ. Q نىڭ قىممىتى 1 دىن باشلىنىدۇ.
Operating systems مەشغۇلات سىستېمىسى قىسمىدا كومپيۇتېرىڭىزدىكى بارلىق مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ قوزغىلىش مەنزىلى ۋە تىزىملىكى بار بولۇپ
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە /fastdetect、/basevideo、/sos قاتارلىق [ تاقاش\ ئېچىش] كودلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭمۇ ئالاھىدە مەنىلىرى بار. بۇلارنىمۇ ئۆزگەرتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بولىدۇ، ئۇنداق بولسا بىز يۇقىرىدا Windows نىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرىدىن بىرى بولغان boot.ini بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقتۇق. بۇ ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزگە ئىھتىياجلىق بولغان بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئىلىپ بارالايمىز. مەسىلەن:
ئەگەر بىز بىر دېسكىغا ئىككى خىل Windows XP نىڭ كەسپى نەشىرىنى قاچىلىغان بولساق ( خەنزۇچە نەشرى ۋە ئىنگىلىزچە نەشىرى) تەڭشىمىگەن ياكى تاللىمىغان شارائىت ئاستىدا ئۈچىنچى رايوندىكى ئىنگىلىزچە نۇسخىسى قوزغالسا ، بىز بولساق بىرىنچى رايوندىكى خەنزۇچە نۇسخىسىنىڭ قوزغىلىشىنى ئۈمىد قىلساق ياكى قوزغىلىش تىزىملىكىدە قايسىسىنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسى قايسىسىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرمەكچى بولساق (ئادەتتە ئاستىدىكىسى ياكى ئۈستىدىكىسى دەپ پەرق ئىتىشىمىز مۇمكىن، چۈنكى ھەر ئىككىلىسىدە Microsoft Windows XP Professional دەپ كۆرىنىدۇ.) ئىككىلەنمەي boot.ini ھۆججىتىنى ئىچىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيى بويىچە تەڭشەڭ، بەلگە سىلىۋىلىڭ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە boot.ini ھۆججىتىگە كود قوشۇش ياكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش كۆرۈنمە يۈزىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
Windows تىكى boot.ini ھۆججىتىنى يىشىپ چۈشەندۈرۈش
Posted by
My Sedirdin,contact(Tormahiri77@gmail.com)
Labels:
مەشغۇلات سېستىمىسى
0 comments: